HomePortalCalendarFAQ (Soal-Jawablar)IzdeshTizimlitishKirish

Share | 
 

 ئۇيغۇر ھەققىدە مۇلاھىزە

Go down 
AptorMeséj
tayir-music
Batur+Jesur
Batur+Jesur


Yézilmilar Sani : 53
Age : 33
Registration date : 2009-06-28

YollashMawzu: ئۇيغۇر ھەققىدە مۇلاھىزە   Mon Dec 06, 2010 11:17 pm

ئىتىقات
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئورتاق قىممەت قاراش بەرپا قىلىشقا تىرىشمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر قەتئى بۆلۇنىدىغان ،ئىچكى قىسىمدا پارچىلىنىپ،بىردىن-بىردىن تۇگەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر دىنى ئىتقاتقا يەنە ئىزچىل پەرۋاسىز قارايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ھەممە خىل كۆز-قاراشنى قارىقويۇق قوبۇل قىلىۋىرىدىغان ياكى ئۆز قارىشدا تەرەپبازلىق ۋە جاھىللىق بىلەن يىتىم قالىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئوخشىمىغان بىر نەچچە خىل دىنى ئىتىقاتلارغا بۆلۇنىدىغان،خەلقنى ئىدىيە جەھەتتىن بۆلۈپ ۋەيران قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر بىر دىننىڭ ئىچىدىكى ھەر خىل مەزھەپلەرگە بۆلۇنۇپ،تارماق مەسىللەر ئۇچۇن ئىختىلاپ قىلىپ،بىرلىكنى بۇزىدىغان ،تارىختىكى قانلىق،ئىچىنىشلىق دىنى ئىختىلاپقا قايتىپ خەلىقنىڭ رايىنى دىندىن پۇتۇنلەي قايتۇرىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

بىرلىك
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر تەقۋادارلار بىلەن ئامما ئوتتۇرسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر پىشقەدەملەر بىلەن ياشلار ئوتتۇرسىدا ھاڭ پەيدا قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ھۆكۈمەتتە ئشلەيدىغانلار بىلەن ئىشلىمەيدىغانلار ئىككى سىنىپقا بۆلۇنىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئالتە شەلىك ۋە شىماللىق دەپ بۆلۇنىدىغان، يەنەئاق تاغلىق ،قارا تاغلىق جىدىلى ئوينايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر زىيالىيلارنى يىتىم قالدۇرىدىغان،مەشھۇرلارنى سسىتىدىغان،ئالدىدا ماڭغانلارنى پۇتلايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر كەينىدە قالغانلارنى مەسخىرە قىلىدىغان،ئاجىزلارنى تاشلىۋىتىدىغان،بىشغا كۇن چۇشكەنلەرگە قارىمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر شەخسى مەنپەئەت ،ھوقۇق،شۆھرەت ئۇچۇن بىر پۇتۇن خەلقنىڭ تەقدىرىگە،مەنپەئىتىگە،ئوبرازىغا زىيان سالىدىغان ۋاقتى ئەمەس!
ئۇيغۇرنىڭ ھازىربىر-بىرىگە مەسئۇليەتسىزلىك قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

تەرەققىيات
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئشلارنىڭ قانۇنىيتگە،تەرەققىيات يۆنىلىشگە سەل قارايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر پىرىنسىپ ،تۇزۇم، ۋاقىت،مەسئۇلىيەت دىگەنلەرگە سەل قارايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر -ئۆتمۇشتىكى شان- شەرەپ ئۇچۇن مەسىت-خۇش بولۇپ .رىئاللىقنى قولدىن بىرىپ قويىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر-قولدىن بىرىپ قويغانلىرى ئۇچۇن قاخشايدىغان ،ئاغرىنىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆز دەردىنى ھەسرەت ۋە تەسەللى بىلەن ئالىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر خەقنى دوراپ ،مۇستەقىل ئىجات قىلماي كىتىۋىرىدىغان ۋاقتى ئەمەس،
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر سانائەتلەشمەيدىغان،ئۆزى قول سىلىپ ياسىمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر خەق بىلەن ئۆزىنى سىلىشتۇرمايدىغان،- خەقتىن ئىشپ كەتسە بولمايدۇ،دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ھورۇنلۇق،لايغەزەللىك قىلىدىغان،ئۆزىنى تاشلىۋىتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر بىر ئشنى چالا قىلىدىغان،يىرىم يولدا تاشلاپ قويىدىغان ۋاقتى ئەمەس،

ئىقتىسات
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر گەپ بىلەنلا جاھاندارچىلىق قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئەنئەنىۋى سودا-سىتىق بىلەنلا جان بىقىپ كىتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىلىرى ،ئالاقە ئۇسكۇنىلىرىگە بىقىنمايمەن دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر يەرلەرنى تاشلاپ بىرىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ،مەن ئاجىز ،مەن ئىقتىدارسىز ،مەن نامرات، دەپ ئۈمۈتسىزلىنىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆتمۇشتىن ساۋاق ئالمايدىغان ،ھازىرقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتمايدىغان،كەلگۇسگە سىتراتىگىيە بىلەن باقمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر خەقنىڭ ھىسداشلىقى بىلەن، ھەسرەتلىك ناخشا-مۇزىكا بىلەن تەسەللى ئىزلەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر پۇل-مۇئامىلە ئشلىرىدىن خەۋەرسىز ياشاۋرىدىغان،پەقەت قوپال ۋاستىلەر بىلەنلا جان باقىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر زامانىۋى باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىن،ئىلغار ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىدىن مەھرۇم قالىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

تەپەككۇر ۋە ئادەت

ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆزىنى رىئاللىقىتىن قاچۇرىدىغان،ئۆزىنى ئالدايدىغان ۋاقتى ئەمەس
چۇشكۇنلۇك،ئۇمۇتسىزلىك،ۋاز كىچىشكە يول قويىدىغان ۋاقىت ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر پەقەت كۆڭۈل خوشلۇقى ئۇچۇنلا پىكىر قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئەتراپىدىكى كىچىك ،ئاددى ئشلارنى تەرك ئىتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر پىلانلىق ،ئىدىتلىق،سىتىسمىلىق مۇۋەپپەقىيەتنى قوغلاشمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆگىنىش ياكى پۇل تىپىشتا ئىككىلىنىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر غايىۋىزىملىق بىلەن كۆپ قۇتۇپلۇق ئىدىيە ،ھورۇنلۇق بىلەن ھەمكارلىشالماسلىق ئارلىقىدا داۋاملىشايلايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

ئۇيغۇر مەدەنىيتى
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ھەر بىر شەخسنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىر پۇتۇن مىللى سالاھيەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇۋىرىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئەنئەنىۋى مىللى مەدەنىيەتنى زامانىۋىلىق ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق قاينىمىدا يوقتىپ قويىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر مىللى خاسلىق –شەخسى سالاھىيەتكە تاقاشتى دەپ باھانە كۆرسىتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشمە دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر مىللى كىيم-كىچەكلىرىمىزنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيتى قالمىدى دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر مىللى مەدەنىيەتنى پەقەت سەنئەت بىلەنلا چەكلەپ ئۆتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئنسانپەرۋەرلىك،ئادىمگەرچىلىك ،مىھماندوستلۇقنىڭ ۋاقتى ئۆتتى دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر سەمىمىيەتنىڭ ،پىداكارلىقنىڭ قىممىتى يوق دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر توغرا بولغان تۇققاندارچىلىق ،خوشنىدارچىلىق،يۇرتداشلىق مىھرىنى ئۇزۇۋىتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ياخشى سۆز ،توغرا ھەرىكەت قىلىشقا دەۋەت قىلسا بولمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

ئاياللار ۋە بالىلار
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر-بىزنىڭ غورۇرىمىز،بىزنىڭ كەلگۇسىمىز،بىزنىڭ بارلىقىمىز بولغان ئانىلار،ئاچا-سىڭللار،ھەمشىرىلەرگە مەسئۇل بولمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر-ئۇيغۇر ئائىلە مائارىپى-شەكىللەندۇرمەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۈرنىڭ ھازىر خوتۇن-قىزلار ۋە بالىلارنى تەربىيلىمەيدىغان،جەمىئەتكە تاشلاپ بىرىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر خوتۇن-قىزلارنى ئىززەتلىمەيدىغان،ئۇلارغا پەقەت ھىسيات نۇقتىسدىنلا مۇئامىلە قىلىدىغان ،ئۇلارنىڭ رولىغا سەل قارايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئەرلەر ئاياللاردىن ئىقتىدارلىق دىيىشگە ئسپات كۆرسەتمىسمۇ بولىدىغان ۋاقتى ئەمەس.

دىپلوماتىيە

ئۇيغۇرنىڭ ھازىر جاھاندىكى ئشلارغا ،ئەتراپىدىكى ئادەملەرگە بىشنى تىقىپ مۇئامىلە قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆزىگە ئش تاپىدىغان ئەسەبى تار مىللەتچىلىك تۇپەيلى زىيان تارتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر كىمنىڭ ئۆزى ئۇچۇن پايدىلىق ياكى دوسىت ،كىمنىڭ ئۆزى ئۇچۇن زىيانلىق ياكى دۇشمەن ئىكەنلىكىگە ئويلانمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر –قەستەن ئۆزىگە ئۆزى دۇشمەن تاپىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئىچكى جەھەتتە بۆلۇنۇش،تاشقى جەھەتتە يىتىم قالدۇرۇلۇشقا پۇرسەت بىرىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىرمەدەنىيەت توقۇنۇشى ،ئىدىئولوگىيە سۇيقەستىلىرىگە ئەگىشىدىغان ،يوشۇرۇن دۇشمەن كۆپەيتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇنىڭ ھازىر قىرىنداش خەلقلەردىن ئەيىپ ئىزلەيدىغان،ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئەڭ چوڭ ھەم ھالقىلىق ئۇمۇتنى باشقىلاردىن كۇتىدىغان،خەقنىڭ ھىسداشلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر باشقىلاردىن ئاغرىنىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر باشقىلارغا بىرىدىغان مىھرى-شەپقەت،ئادىمگەرچىلىك،ياردەمنى ئۇزۇپ قويىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر مەدەنىيەت جەھەتتە يىتىم قىلىشى كىرەك ،مەدەنىيەت دىئالوگى ئۆتكۇزسە بولمايدۇ دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.

مائارىپ
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر-مائارىپتىن ئۇمۇتىسزلىنىدىغان،پۇتۇنلەي تاشلاپ بىرىدىغان ۋاقتى ئەمەس!
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئىلغارلاردىن ئۆگەنسە بولمايدىغان ،باشقىلاردىن قوبۇل قىلسا بولمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر يەنىلا سەنئەت ۋە ئىجتىمائى پەنلەرگىلا ئىسىلىۋالىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۇيغۇر تىلى بولماي تۇرۇپ،توغرا تەپەككۇر قىلالايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر يەنىلا مائارىپنى ئۆزلۇكتىن ئايرىۋتىدىغان ،ئوقۇغاندىن ئەمەلىي ۋە ئۇنۇملۇك پايدىلانمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆز خەلقىنىڭ ،ۋەتننىڭ تارىخى،ئۆز جەمەت نەسبى ھەققىدە بىلمەي ئۆتسە بولىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر مۇئەللىم ئوقۇغۇچىنىڭ تەقدىرى،ئەقلى ،ۋاقتىگە پەرۋاسىزيۇرىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر پەقەت مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرى ،كىتابتا ئوقۇغانلىرى بىلەن بىلىپ كىتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر مۇشۇ خىل شارائىت ئىچىدىن ئۆزگىچە مائارىپ ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزلەيمەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.

قانۇن ۋە سىياسەت

ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆزى ئۇچۇن سايلانغان،ئۆزى بىقىۋاتقان رەھبەرلەر بىلەن ئالاقە قىلمايدىغان ،ئۇلاردىن پايدىلانمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆز كۆز-قارىشنى ،دەردىنى ھۆكۇمەتكە تۆكمەيدىغان ،ئىچىگە ئىلىپ ئۆتۇپ كىتىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر قانۇننى بىلمەسىلىكى،ھۆكۇمەتتىن ئايرىلىپ قىلىشى كىرەك دەيدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ھۆددسىدىن چىقالمايدىغان گەپ قىلىپ بالاغا قالىدىغان،ۋەزىيەتنى كۇزەتمەي ناتوغرا ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنى نابۇت قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئەمەلى ئۇنۇم ياراتمايدىغان ياكى كىينكىلەرگە پايدىسى بولمايدىغان ئەھۋالدا بىھۇدە قاراملىق قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر يەنىلا جاھاننڭ ئشلىرىدىن بىخەۋەر يۇرىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،رىئال قىممىتى بولمىغان جاھان ئشلىرى ئۇچۇن زىھنى ۋە ۋاقتىنى سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر خەق دىگەن ھەممە گەپكە ئىشىنىدىغان ۋاقتى ئەمەس.
ئۇيغۇرنىڭ ھازىر نىمىنىڭ راسىت ،نىمىنىڭ تەشۋىقات ئىكەنلىكى،نىمە مەقستى بارلىقى ھەققىدە ئويلانمايدىغان ۋاقتى ئەمەس.

ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئومۇميۇزلۇك- ئسلاھات -ئىلىپ بارىدىغان ۋاقتى !!! ئۇيغۇرنىڭ ئاقىللىرى سىستىمىلىق بىر يول ئۇستىدە ئىزلىنىدىغان ۋاقىت.
ئۇيغۇر ئسلاھات پىلانى-لايىھسنى تۇزىدىغان ،باش قوشۇپ ئىجرا قىلىدىغان،ياشلارغا مۇۋاپىق توغرا يول كۆرستىدىغان ۋاقتى.
ھەر بىر شەخس ئۆزىنى ئسلاھ قىلىدىغان ،ئۆزىنى كۇچەيتىدىغان ،ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ۋاقتى.ھەر بىر كىشى ھەممىنى ئۆزىدىن باشلايدىغان ۋاقتى.
زىيالىيلار قوشۇنى ،ئەمەلدارلار،ئىلغار تىجارەتچىلەر،دىنى ئالىملار،ياش ئوقۇغۇچىلار ئورتاق قىممەت قاراش، ئىتىقات ،ئنسانپەرۋەرلىك، ،مىللى مەدەنىيەت ئاساسدا ئسلاھات ئىلىپ بارىدىغان ۋاقتى !!!

مەنبە : تور ئوچۇق ۋاقتىدا ساقلىۋالغان .
Choqqigha qaytish Go down
Qollan'ghuchi profilini körüsh
 
ئۇيغۇر ھەققىدە مۇلاھىزە
Choqqigha qaytish 
1. bet (jem'iy 1 bet)

Permissions in this forum:Bu sehipidiki yézilmilargha jawab yazalmaysiz.
Gollandiye Uyghur Yashlirining Makani :: Erkin Munazire Meydani-
Buninggha ötüsh: